ئەمگەك توختامى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت توختامىنىڭ پەرقى

ئەمگەك توختامى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت توختامنىڭ پەرقى

ئەمگەك توختامى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت توختامى قانۇنى جەھەتتىن ئوخشىمىغان ئىككى خىل توختام تىپى بولۇپ ئاساسلىق پەرقى توختامنىڭ تۈزۈشنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنىدا بولۇپ تۆۋەندە قىسقىچە چۈشەندۇرۇش بىرىلدى

توختام ئوبىكتى

ئەمگەك توختامى : ئەمگەك توختامى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشلىگۈچىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىمزالانغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى ۋە ھوقوق مەجبۇرىيەتنى بىكىتىش كىلىشىمىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى شىركەت كارخانا ئورۇنلار ۋە شەخسى ياللانما خادىملار ئوتتۇرىدا تۈزلىدۇ

ئەمگەك مۇلازىمەت توختامى : ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامى مۇلازىمەت بىلەن تەمىللەيدىغان ( مەسىلەن : ئادۇكات ، بوغالتىر ، قىسقا مۇددەتلىك خادىم ) بىلەن مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرىدا تۈزۈلگەن مۇلازىمەت كىلىشىمىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەمگەك مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ ئادەتتە شىركەت ، كارخانا ياكى شەخسس بولسىمۇ بولىدۇ .

توختام مەزمۇنى

ئەمگەك توختامى ئىشلىگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ، كىملىك نۇمۇرى ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نامى ، تۇرۇشلۇق جايى ، قانۇنى ۋەكىل ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى ، خىزمەت ئورنى ، ۋەزىپىسى ،  خىزمەت ۋاقتى ، ئىش ھەققى ، ئىجدىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا  قانۇندا بىكىتىلگەن ماددىلار بويىچە ئەمگەكچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەنپەتىنى قوغداشتىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلار كىرگۈزىلىدۇ ( ئەمگەك ، ئىجدىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قاتارلىقلار تۈزۈپ تارقىتىدۇ )

ئەمگەك مۇلازىمەت توختامى : ئەمگەك مۇلازىمەت توختامىمۇ يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئاساسلىقى ئەمگەك مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىللىگۈچىنىڭ سۇغۇرتا مەسئۇلىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ ،

ئومۇمەن قىلىپ ئىتقاندا ، ئەمگەك توختامى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت توختامىنىڭ پەرقى توختامنىڭ ئوبىكىتى ، مەزمۇنى ۋە مەقسىتىدە ، ئەمگەك توختامى ئاساسلىقى ئىشلىگۈچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرسىدا تۈزىلىدىغان بولۇپ ، ئادەم ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتۇرسسىدىكى قانۇنى مەسئۇلىيەت ، جاۋابكارلىق قاتارلىقلارنى بىكىتىدۇ ، ئەمگەك مۇلازىمەت توختامنى ئاساسلىقى ئەمگەك مۇلازىمتى تەمىللىگۈچى تەرەپ بىلەن مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرسىدا تۈزلىدىغان بولۇپ ، توختام ئىمزالىغاندا ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق توختام تىپىنى تاللىشىمىز كىرەك بولىدۇ ،

دىھقەت قىلىدىغان ئىشلار :

ئەمگەك مۇلازىمەت توختامىنى تۈزگەن ۋاقىتتا مۇلازىمەت توختامىدا چوقۇم سۇغۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى تولۇق كىرگۈزۈش لازىم ، تولۇق كىرگۈزلمىگەندە يەنىلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىللىگۈچى ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرسىدا ئەمگەك مۇلازىمىتى ھازىرلانغان دەپ قارىلىپ ، مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى يەنىلا ئىجدىمائىيى سۇغۇرتا تاپشۇرۇش مەسئۇلىتىنى ئاداش قىلىش شەرىت دەپ بىكىتىلىدۇ ، ئەگەر مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى مۇلازىمەت تەمىللىگۈچىنى ئىشتىن بوشاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئەمگەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىللىگۈچى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ھوقوقىنى قوغداش ئىلتىماسى سۇنۇش ھوقوقىنى ساقلاپ قالالايدۇ ، شۇڭا توختام ئىمزالىغاندا توختامنىڭ تىپى  ۋە توختام مەزمۇنىغا ئالاھىدە دىقھەت قىلىش لازىم ، ئەگەر زۆرۈر بولسا ئادۇكاتلىق ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھاۋالىلىك توختام تۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ .

جاۋاب يېزىش 0

Your email address will not be published. Required fields are marked *