ئەمگەك ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى
ئەمگەك ئىش ھەققىنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىجەمئىيەتتە ياشاۋاتقان زور كۆپچىلىك كىشىلەر ئەمگەكچى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقىلارغا ئىشلەش ئارقىلىق كەلگەن ئەمگەك ئىش ھەققى بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامدايمىز. ئەلۋەتتە بۇ ئەمگەك قىلىش جەريانىدا ئوخشاش بولمىغان زىددىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدىغان گەپ. ئو ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئەمگەك ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىق بىر قەدەر تىپىك ۋە كۆپ ئوچرايدىغان مەسىلە بولۇشى مومكىن. بۇ يازمىدا پەقەت ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يەنى قانۇنى ئىگە ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئەھۋالدا قانداق
قىلىش كىرەكلىكى سۆزلىنىدۇ. ھەر بىر ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم مەلۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كېلىپ ئىشلىگەن ئىكەن ئۇ ھالدا بۇ ئادەم ئەمگەكچى بولۇش سالاھىتىگە ئىرىشىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك قانۇنى، ئەمگەك توختام قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەمگەكچىنىڭ سۇغۇرتا ۋە ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى ۋە بېرىشى، ئەمگەك شارائىيتى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى قاتارلىقلارنى قانۇن يول قويغان ۋە تەلەپ قىلغان دائىرىدە ئىچىدە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى كىرەك. ئەمگەك قانۇنى ۋە ئەمگەك توختام قانۇنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى پۇل شەكلىدە ھەر ئايدا تولۇق بېرىشى كىرەك دەپ ئىنىق بەلگىلىگەن. لىكىن ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپلىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قەستەن ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەيدىغان ياكى پەقەتلا بەرگىلى ئۇنمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بۇ خىل ئەھۋالدا كۆپلىگەن ئەمگەكچىلەر نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ھەر خىل ئىجتىمائى ئالاقە سۇپىلىرىدا ئادۋوكات نامى بىلەن ھەر خىل ۋىدىيۇ ئىلانلىرىنى ئىشلەپ كىشلەرنى ئەخمەق قلىپ ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش پۇرستىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ئىشلار كۈنسايىن ئاۋۇپ كېتىپ بارماقتا. مەيلى دوۋيىن ياكى ئۈندىدار سىن سۇپىسى بولغان دوختۇر ،ئادۋوكات قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپتىكىلەرگە نىسپەتەن ئۆز سالاھىيتىنى ئىنىق دەلىللەشنى تەلەپ قىلىدۇ.دىققەت قىلىپ قارىسا ھەر خىل سۇپىلاردا ئاۋازى ئەڭ كۆپ چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دەل سالاھىيتى دەلىللەشتىن ئۆتمىگەنلەر بولۇپ، ئۇلار شۇنچىلىك قالتىس، ئۇلار بىر تىلغۇن بىرىش بىلەنلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە پۇلنى ئالالمىغانلارنىڭ پۇلى شۇ ھامان قايتىپ كېلىدۇ. لىكىن ئەمەلىيەت شۇنداقمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس؟ ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ئىش ھەققىنى ئالالماسلىقى تىپىك ھالدىكى ئەمگەك ماجراسىغا تەۋە. ئۇ مەمۇرىي قانۇن ياكى ھەق تەلەپ قانۇنىغا تەۋە ئەمەس. ئەمگەك ماجراسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىدىن ئىبارەت باشقۇرۇش ۋە باشقۇرلۇش مۇناسىۋىتدىكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل ماجرا ئەمگەك مۇمۇرىي ئورۇنلىرىنىڭ ئارلىشىشى ۋە ئەمگەك تالاش-تارتىشى كىسىم ئورۇنلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە بىر تەرەپ قىلىشى ئارقلىق ئاندىن دەۋە تەرتىپىگە كىرىدۇ.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قانداقتۇر بىر ئادۋوكاتنىڭ بىر تىلغۇنى بىلەن ھەممە پۇلنى بېرىشى تاتلىق چۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى ئالالمىغان ئەھۋالدا ئەڭ قولايلىق ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئەمگەك مەمۇرىي ئورۇنلىرىغا پاش قىلىش ياكى گوۋۇيۇەننىڭ ئىش ھەققىنى نىسى قالدۇرۇشنى پاش قلىش سۇپىسىدا پاش قىلىش، بۇ خىل ئۇسۇل دىھقان ئىشلەمچىلەرگە بەكرەك مۇۋاپىق كىلىدۇ. ئەگەر توختاملىق خىزمەتچى بولسىڭىز ئۇ ھالدا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كىسىم كومتېتىغا ئىلتىماس قىلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ تەرتىپىمۇ ئاددى،بىر پۇڭ دەۋا ھەققى ئالمايدۇ.
بۇ يازمىنى يېزىشتىكى يەنە بىر مەقسەت شۇكى، نۆۋەتتە ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مەنپەئىنى قانۇن يولى ئارقىلىق قوغداش ئىڭى بىر قەدەر كۈچەيدى شۇنىڭغا ئەگىشىپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ئەمگەكچىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى تۆت تەڭگە پۇلىنى ئېلىۋىلىش كويىغا كىرگەن ساختا ئادۋوكاتلار كۆپىيىپ قالدى. ئەلۋەتتە، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەقىيقى سالاھىيتى بىلەن ئۆز نىسىۋىسىنى تىپىپ يېسە بولىدۇ لىكىن مەلۇم كەسىپ ئىگىسى سالاھىيتىگە ئورنىۋىلىپ شۇ كەسىپنىڭ شەنىگە داغ كەلتۇرمەسلىكى كىرەك، بۇ خىل ئەھۋال كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ياكى ئاق قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئاممىنىڭ دىققىنى قوغدىشى كىرەك.بىزنىڭ شۇنداق ساختا ئادۋوكاتلارغا بەرگەن بىر تال يۈرىكىمىز ۋە قوللىشىمىز يەنىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئىزىپ قىلىپ زىيان تارتىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.